ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆزلىرىنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ئۈستىدىن ئۇچۇۋاتقان يەنە بىر خىتاي جاسۇسلۇق شارىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى تۇنجى بايقالغان ئېگىز بوشلۇقتىكى شارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغانىدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىدىكى سەزگۈر ھەربىي ئەسلىھەلەر رايونى ئۈستىدە ئۇچقان «جاسۇسلۇق شارى» نىڭ خىتايغا تەۋە بىر بازىدىن ئۇچۇپ كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس پەيدا قىلغان «جاسۇسلۇق شارى» ئىككىگە يەتتى.
بەش بۇرجەكلىك بىنا باياناتچىسى پاترىك رايدېر: «بىز شارنىڭ لاتىن ئامېرىكىسى ھاۋا تەۋەلىكىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ خىتاينىڭ يەنە بىر كۆزىتىش شارى ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق، نۆۋەتتە باشقا ئۇچۇرلىرىمىز يوق» دەپ بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، مەزكۇر جاسۇسلۇق شارىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدا 60 مىڭ ئىنگلىز چىسى ئېگىزلىكتە ئۇچقانلىقىنى ئۇقتۇرۇلغان.
ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر خىتاينىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدىكى جاسۇسلۇق شارى توغرىسىدا سۆز قىلىپ: «بۇ شارنىڭ ھاۋا بوشلۇقىمىزدا بولۇشى خەلقئارا قانۇن، شۇنداقلا ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق، بۇنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.
ژان پيېر سۆزىنىڭ داۋامىدا: «خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ شارنىڭ ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «پىرېزىدېنت ھەمىشە ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ» دېدى.
ژان پيېر يەنە: «بۇ پىرېزىدېنت دەۋرىدە بىز خىتاينى مەغلۇپ قىلىش، دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش ۋە ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكياننى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك تەييارمىز» دېدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بولسا ھاۋا شارىنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا نومۇسسىزلارچە بۇ شارنىڭ خىتاينىڭ پۇقراۋى ھاۋا شارى ئىكەنلىكىنى ۋە مېتېئورولوگىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ شامالنىڭ غەربكە قاراپ چىقىشى بىلەن كونتروللۇقنى يوقىتىپ، ئۆز ئوقىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر