خىتاينىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۈندىدار ھېسابىدا توققۇز خىتاي پۇقراسىنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-يانۋار كەچتە توققۇز نەپەر خىتاي پۇقراسى ئېفىيوپىيە ئورومىيە ئىشتاتىنىڭ شىمالى، پايتەخت ئەددىس-ئەبېبەگە تەخمىنەن 160 كىلومېتىر كېلىدىغان گېبرې گۇراچا بازىرىدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر خىتاي ئۆلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئېفىيوپىيەدە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي توقۇنۇش توختىغان بولسىمۇ، لېكىن قىسمەن رايونلاردا قەبىلە توقۇنۇشى يەنىلا كەسكىنلەشكەن، بولۇپمۇ ئورومىيە ئىشتاتى ئەتراپىدىكى باشقا ئىشتاتلار بىلەن چېگرالىنىدىغان رايونلاردا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىپ، نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان، بىخەتەرلىك خەۋپى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان. ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئېفىيوپىيەدىكى خىتاي پۇقرالىرى ۋە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، خەتەردىن ساقلىنىش، خەتىرى يۇقىرى رايونلارغا بارماسلىقى ۋە خەتىرى يۇقىرى رايونلاردىن دەرھال بىخەتەر رايونغا چېكىنىشىنى ھەمدە ھەر ۋاقىت چېكىنىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ