خىتاي باياناتچىنىڭ جۆيلۈشلىرى دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى

خىتاي تاشقى مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى دۇنيانى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى ۋە خىتاينىڭ نومۇسسىزلىقتا قايسى دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى.

نۇرغۇن دۆلەتلەر، نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلار، دىنىي ئورگانلار خىتاي رېجىمىنىڭ ئىسلام دىنىدىن باشلاپ خىتايدىكى بارلىق دىنلارغا قاتتىق چەكلىمە قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاللىبۇرۇن خەلقئاراغا ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، خىتاي رېجىمى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن: «قۇرئاننى كۆيدۈرۈش غەربنىڭ دىنىي ئەركىنلىك تەشەببۇسىدا ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ» دەپ بىلجىرلىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 2-فېۋرالدىكى ئاخبارات يىغىندا بىر مۇخبىر باياناتچى ماۋنىڭدىن: «بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دانىيە سىياسىي پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ يېنىدا قۇرئاننى كۆيدۈرۈپ، باشقا جايلارنىڭ بۇنىڭغا ئەگىشىشتىن ئىبارەت يامان تەسىرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ قىلمىش ھەرقايسى دۆلەتتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشى ۋە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. خىتاي بۇ مەسىلىگە قانداق باھا بېرىدۇ؟» دەپ سورىغان.

ماۋنىڭ مۇخبىرنىڭ بۇ سوئالىدىن قىلچە ئوڭايسىزلانماي: «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە دىنىي ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. خىتاي بىر قىسىم تاراتقۇلارنىڭ غەرب سىياسىيونلىرىنىڭ قۇرئاننى ئوچۇق-ئاشكارا كۆيدۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىگە دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ۋەقەلەر غەربتىكى بەزى سىياسىيونلارنىڭ ئۆزلىرى ئېلان قىلىۋاتقان ​​دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىدە ئىككى يۈزلىمىچى ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

ماۋنىڭ جاۋابىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇپ: «خىتاي ھەر ۋاقىت ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىسلام دۆلەتلىرى بىلەن مەدەنىي سۆھبەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق گۇرۇپپىلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئورتاق قوغدايدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.

2-فېۋرال خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىمۇ تىۋىتتېر ھېساباتىدا ماۋنىڭنىڭ مەزكۇر نومۇسسىز بايانلىرىنى ئېلان قىلىپ، تۈركىيە خەلقىنى ئالداشقا ئۇرۇندى.

ماۋنىڭنىڭ يالغان بايانلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ھەمدە ئىسلام دىنىي ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان سىياسىتى سەۋەبلىك غەرب ۋە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ، خىتاي تارىختىن بېرى بارلىق دىنلارغا، بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا قارشى تېررور سىياسەتلىرىنى توختاۋسىز ئىجرا قىلىپ كەلمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1057 قېتىم كۆرۈلدى
03/02/2023 15:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق