ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش 2023-يىللىق سىياسىي كېڭىشىش پىلانىنى بېكىتكەن بولۇپ، پىلاندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» دېگەن ئىبارىلەر قايتا تەكىتلەنگەن.
تەڭرىتاغ تورىنىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي رېجىمى يېقىندا ئاتالمىش «سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق كېڭىشىش پىلانى» بېسىپ تارقاتقان بولۇپ، ئاتالمىش پىلاندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلىشتا ئاساس قىلغان «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» دېگەن ئىبارىلەر قايتا-قايتا تەكىتلەنگەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، مەزكۇر پىلان ھەققىدە يەنە بىر نەچچە قېتىم يىغىن ئېچىلىدىكەن. يىغىندا ئاتالمىش «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئېلېمېنت بەلگىسىنى قېزىپ چىقىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇش» قاتارلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
خىتاي رېجىمى ئالدىنقى بەش يىللىق پىلانى مەزگىلىدە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر تېررور سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، بۇ جەرياندا مىليونلىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى تۈرمە ۋە جازا لاگېرىغا قامىغاندىن سىرت، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتايلاشتۇرۇش، جۈملىدىن ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» سىياسەتلىرىنى كۈچەپ ئىجرا قىلغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىت چېقىۋېتىلگەن ياكى بۇزۇۋېتىلگەن نەچچە مىڭلىغان دىنىي زاتلار، ئۆلىمالار ئۆلتۈرۈلگەن ياكى تۈرمىگە تاشلانغان.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش»، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش» قاتارلىق ناملار بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى، جۈملىدىن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى كۈچەپ ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەرخىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا مەجبۇرلىغۇدەك كۈچلۈك ئەمەلىي ھەرىكىتى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك، خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ