شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي خىزمەتچىلەر كۆپلەپ قوبۇل قىلىنماقتا

شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي خىزمەتچىلەر كۆپلەپ قوبۇل قىلىنماقتا

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 3-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىدارە-ئورگانلارغا خىتاي خىزمەتچىلەرنى نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىغان.
خەۋەردە خىتاينىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى قورچاق ئورگىنىنىڭ يېقىندا 613 نەپەر كەسپىي خادىم قوبۇل قىلىش ھەققىدە ئېلان چىقارغانلىقى، مەزكۇر ئېلاندا بۇ خادىملارنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى، داۋالاش ۋە سەھىيە سىستېمىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. كورلىنىڭ لوپنۇر ناھىيەسى چىقارغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىدا بولسا ساقچى سىستېمىسىغا ئىشتات سىرتىدا 70 خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، جەمئىيەتتە پەقەتلا ياشانغانلار، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قالغانلىقىنى، شۇڭلاشقا دائىرىلەر تارقاتقان خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى تەبىئىي ھالدا خىتايلار بولىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە تولۇق چەتكە قېقىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى بار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1396 قېتىم كۆرۈلدى
06/09/2019 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق