ئاقچى ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىدە 3.7  بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-فېۋرال ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 08:08 دە ئاتۇش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاقچى ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 40.87 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 78.71 گىرادۇس) 3.7 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 10 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

خىتاي رېجىمى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1484 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2023 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق