خىتاي رېجىمى يېقىندا ئاتالمىش «بىخەتەرلىكنى ساقلاش» نامىدا خەلقئارادا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان بولۇپ، خىتاينىڭ مالىدىكى ئاتالمىش تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ قوغدىنىش پىيادە ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتىگە يېڭى تىپتىكى مىنادىن مۇداپىئەلىنىش، پىستىرمىغا قارشى تۇرۇش ئاپتوموبىلى سەپلىگەن.
خىتاي خەۋەرلىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ مەزكۇر ئاپتوموبىلنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ چەت ئەلدىكى ئاتالمىش «تىنچلىق ساقلاش» قىسىمىغا سەپلىنىشى ئىكەن.
خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ كۆككە كۆتۈرۈپ ماختىشىغا قارىغاندا، بۇ ئاپتوموبىلنىڭ قوغدىنىش، خەۋەرلىشىشتىكى ئېلېكتىر ماگنىت كاشىلىسى، كۆزىتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ئۆزگەرتىلىپ ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ئاددىي پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرالايدىكەن. ئۇندىن باشقا بۇ ئاپتوموبىلنىڭ چارلاش، قوغدىنىش ئىقتىدارى ئاشۇرۇلغان. مەزكۇر ئاپتوموبىل ئاساسەن قۇملۇق يولىدا ھەيدەش، چارلاش، قوغداش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.
خىتاي قوغدىنىش پىيادە ئەسكەرلىرى شۆبە ئەترىتى تېز قايتۇرما زەربە بېرىش ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ باشلىقى شيې ۋاڭلىننىڭ ئېيتىشىچە: نۆۋەتتە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى داۋاملىق يامانلاشقان. ئاتالمىش تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا ئەڭ ئېغىر تالاپەت ئېلىپ كەلگىنى يول بويىدىكى بومبا ھۇجۇمى ئىكەن. تېز قايتۇرما زەربە بېرىش ئوتتۇرا ئەترىتى چارلاش، قوغداش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاندا، ھەر ۋاقىت خەتەر ئىچىدە تۇرىدىكەن. يېڭى تىپتىكى مىنادىن مۇداپىئەلىنىش، پىستىرمىغا قارشى تۇرۇش ئاپتوموبىلى سەپلەنگەندىن كېيىن، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ