خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ يىل ئىچىدە يەنە يېڭىدىن سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، خىتاي بۇ ئارقىلىق ھاۋا قاتنىشىنى كېڭەيتىپ تېخىمۇ كۆپ بايلىقلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى پىلانلىماقتا.

ئاتالمىش «شىنجاڭنى يېڭىدىن بايقاش تورى»نىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى»نىڭ 2023-يىللىق خىزمەت يىغىنىدا ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل مەزكۇر ئورگان «14-بەش يىللىق پىلان» بويىچە 2025-يىلىغىچە سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇپ، «14-بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى پۇقراۋى ئايرودۇرۇم سانىنى 33 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇمىدىن 25 ى بار بولۇپ، 2023-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە، ئاتالمىش شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق، باركۆل، بۈگۈر، شىخو، قۇبۇقسار، گۇما، ئاتالمىش شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى 2-دىۋىزىيە 38-مەيدان (چەرچەن) دە سەككىز ئايرودۇرۇم قۇرۇشنى پىلانلىغان.

ئۇندىن باشقا بۈگۈر ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش قۇرۇلۇشىدا يىل ئىچىدە ئىش باشلاش، نارات، قاراماي ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يىل ئىچىدە ئىش باشلاشنى پىلانلىغان. نۆۋەتتە گۇچۇڭ، بايىنبۇلاق ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىدە قۇرۇلۇش ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 61 ى، 64 ى تاماملانغان. باركۆل ئايرودۇرۇمىنى يېڭىدىن قۇرۇش تۈرىدە ئومۇمىي پىلان ۋە دەسلەپكى لايىھە تەستىقلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بۇ خىل زور مەبلەغ كېتىدىغان قۇرۇلۇشنى ئاتالمىش «بوشلۇق يىپەك يولى» قۇرۇلۇش پىلانى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ ئەشيا ئوبوروتىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق رايونلارنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى كەسپىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى زورايتىشنى پىلانلىغان.

خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە قاماپ، زور تۈركۈمدىكى ياشلارنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى ئازايتىش بىلەن بىرگە، ئورنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى يەرلەشتۈرۈشنى تېزلەتمەكتە. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھاۋا قاتنىشى، تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرىنى خىتاي ھەمدە خەلقئاراغا كەڭ-كۆلەمدە تۇتاشتۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرلۈك بايلىقلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1276 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2023 17:37:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق