2023-يىللىق دىنىي ئەركىنلىك يىغىنىدا خىتاينىڭ كىشىلەرنىڭ ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشى مۇزاكىرە قىلىندى.
يېڭى تاڭلىقلار تورىنىڭ 1-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 2023-يىللىق خەلقئارالىق دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى باشلىقلار يىغىنى سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، يىغىندا خىتاينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا قىلغان زىيانكەشلىك قىلمىشى ئاساسىي تېما قىلىنغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يىغىندا ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ پارتىيە پارلامېنت ئەزالىرى ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم مەكگوۋرېن (Jim McGovern): «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىككى پارتىيە ھەمكارلىشىمىز» دېگەن.
ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكېل مىككول (Michael McCaul): «خىتاي كومپارتىيەسى دىنغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتتى» دېگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارلامېنت ئەزاسى مەككول خىتاينىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچى ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرگەندىن باشقا، خىتاينىڭ ئادەم ئورگىنىنى تىرىك يىغىش جىنايىتىنى تىلغا ئالغان.
مايكېل مىككول يەنە: «خىتاي كىشىلەرگە مەجبۇرىي تىنچلاندۇرۇش ئوكۇلى سالىدۇ، ئارقىدىن ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋالىدۇ، بۇ ھالەت تولىمۇ قورقۇنچلۇق» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ