كانادا پارلامېنتى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا قوبۇل قىلىش تەكلىپىنى ماقۇللىدى

1-فېۋرال كانادا پارلامېنتىدا خىتايدىن قېچىپ 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان خەتەر ئاستىدىكى 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش قارار لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلۇپ، باش مىنىستىر جاستىن تىرۇدو، ئۇنىڭ كابىنېت مىنىستىرلىرى ۋە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە، نۆلگە قارشى 322 ئاۋاز بىلەن رەسمىي ماقۇللاندى.

كانادا پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى پارلامېنتقا سۇنغان مەزكۇر تەكلىپكە چارشەنبە كۈنى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرى قوللاپ بېلەت تاشلىغان. تەكلىپتە بۇ پىروگراممىنىڭ 2024-يىلى باشلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ كاناداغا ئېلىپ كېلىنگەن چىقىمىنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەزكۇر تەكلىپكە باش مىنىستىر تىرۇدو ۋە ئۇنىڭ كابىنېتىمۇ قوللاپ بېلەت تاشلىغان بولۇپ، تىرۇدو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى مەيدانى ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسىگە نىسبەتەن جىددىي بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى، دەپ قارالماقتا ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋاسىتىلىك ئېتىراپ قىلىشى، دەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا.

كانادا پارلامېنت ئەزالىرى 2021-يىلى 2-ئايدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، تىرۇدو ھۆكۈمىتى ئاۋاز بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانىدى. كانادا پارلامېنتى ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ھازىر ئۈچىنچى دۆلەتتە ياشايدىغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەزكۇر قارار لايىھەسى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغاندىن كېيىن، قارار لايىھەسىنى سۇنغان لىبېرال پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ لايىھەنىڭ بىردەك ئاۋازدا ماقۇللىنىشىنى «تارىخىي پەيت» دەپ سۈپەتلىدى.

سامىر زۇبەرى سۆزىدە يەنە: «يۈز بەرگىنى بىر تارىخىي ھادىسە. ھۆكۈمەت كابىنېتى تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىدى. بۈگۈن بىزنىڭ كۆرگەنلىرىمىز، بارلىق پارتىيەلەرنىڭ، بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بىرلىككە كېلىپ ئۇيغۇر خەلقىنى قوللىشىدۇر. بۇ كانادا ئۈچۈن بىر تارىخىي پەيت بولۇپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەت، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانىيەت ئائىلىسى ئۈچۈنمۇ تارىخىي پەيت. ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان ئىشلارنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى. سامىر زۇبەرى يەنە كانادا باش مىنىستىرى، كابىنېتى ۋە پارلامېنتىنىڭ بۇ قارار لايىھەسىنى قوللىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقى بىلدۈردى.

ئاخبارات يىغىنىغا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»نىڭ باشلىقى مەمەت توختى، «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى»نىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى، ئوتتاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور مارگارېت مىككۇاي جونستون خانىم قاتارلىقلار قاتناشتى ۋە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىشتى.

دولقۇن ئەيسا سۆزىدە تىرۇدو ھۆكۈمىتى ۋە بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ قارار بىزگە نوقۇل ئۈمىد بېغىشلاپلا قالماي، بىزگە يەنە ئىلھام ۋە داۋاملىق كۈرەش قىلىش، سۆزلەش ئىرادىسى بېغىشلايدۇ» دېدى.

يىغىندا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى سۆز ئېلىپ، بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان بۇ لايىھە كانادا پارلامېنتىنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ قارار لايىھەسى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قېچىپ 3-دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن 10 مىڭ كىشىنى 2024-يىلىدىن 2026-يىلغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە كاناداغا يۆتكەپ كېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قارار لايىھەسىنىڭ 1-فېۋرال ماقۇللانغان ئاخىرقى نۇسخىسىغا بەزى تۈزىتىشلەر كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدا ھۆكۈمەتنىڭ 10 مىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرنى كاناداغا يۆتكەپ كېلىش پىلانىنى 100 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا بىلدۈرۈشى، شۇنداقلا بۇ لايىھەنىڭ پەقەت خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىدىن قاچقان ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر بىلەن چەكلىنىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1019 قېتىم كۆرۈلدى
02/02/2023 17:18:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق