خىتاي رېجىمى چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتى پېتېر پاۋىلنىڭ «خىتايلارنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىكى»نى بىلدۈرۈپ نارازىلىق بىلدۈردى.
سىياسەت تورىنىڭ 31-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى چېختا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان يېڭى پىرېزدېنت پېتېر پاۋېل سەيشەنبە كۈنى تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفونلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭ بۇنىڭغا دەرھال نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چېخنىڭ يېڭى سايلانغان پرېزىدېنتىغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.
پىرېزىدېنت پېتېر پاۋىل سەي يىڭۋېن بىلەن كەلگۈسىدە يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قەدەمنى باسقانىدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرۈپ: «گەرچە خىتاي قايتا-قايتا رەت قىلغان ۋە ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، چېخنىڭ پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان پېتېر پاۋىل سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفونلاشتى، بۇ ھەرىكەت تەيۋەن دائىرىلىرى بىلەن رەسمىي ئالاقىلىشىش ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق» دېدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «خىتاي بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، بىز چېخ تەرەپكە ئېنىق نارازىلىق بىلدۈردۇق. بىز چېخنىڭ دەرھال ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، بۇ ۋەقەنىڭ پاسسىپ تەسىرىنى تۈگىتىپ، ئىشەنچلىك ھالدا بىر خىتاي پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دەپ بىلجىرلىدى.
فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماۋ نىڭ سۆزىدە يەنە پېتېر پاۋېلنىڭ «خىتاينىڭ قىزىل سىزىقىنى ئاياغ-ئاستى قىلغانلىقى»نى ۋە «خىتاي خەلقىنىڭ ھېسسىياتىغا ئازار بەرگەنلىكى»نى قوشۇپ قويغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لۇتوڭ بولسا تىۋىتتېردا پاۋېلنىڭ تەيۋەن پرېزىدېنتى بىلەن تېلېفونلاشقانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر