خەلقئارا گېزىت خەۋەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا توقۇنۇشىدا خىتاي تەرەپ پايدىلىق ۋەزىيەتكە ئىگە بولۇپ، ھىندىستان كونا دۈشمىنى پاكىستاننى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ھىمالايا تېغىدىكى ئىككىنچى لىنىيەدە ئۇرۇش قىلالمايدىكەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى دۇنيا گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ھىمالايا تېغى تىبەت-شەرقىي تۈركىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان چېگرا تۈزلەڭلىككە يىراق رايون بولۇپ، بۇ رايون خىتاي -ھىندىستان ئۇرۇشى نەق مەيدانى بولۇپ كەلگەن. بۇ رايوندىكى توقۇنۇش بېيجىڭ بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشقا سېلىشتۇرغاندا خېلىلا تۆۋەن دەرىجىلىك توقۇنۇش بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككى يادرو قورالىغا ئىگە دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ 3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرانى بويلاپ توقۇنۇشۇۋاتقان بولۇپ، بۇ رايون يەنە «ئەمەلىي كونترول سىزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىللاردىن بېرى ئىككى تەرەپ توختىماي كۈچ سىنىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تىبەتنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىدىغان ئارۇناچال پرادېشنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تىبەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ دەۋا قىلىدۇ. ھىندىستان بولسا خىتاي 1962-يىلىدىن باشلاپ لاداختا ئىشغال قىلىۋالغان 37 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئاقساي چىن رايونىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئامېرىكىدىكى ماسساچۇسېتس سانائەت ئىنستىتۇتىدىكى خىتاي-ھىندىستان مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى ھەرىكىتى سىياچىن مۇزلۇقىغا تۇتىشىدىغان يولنى توسۇپ، ھىندىستاندىكى شەرقىي تۈركىستانغا تۇتىشىدىغان بارلىق يوللارنى ئۈزۈش ئۈچۈن ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتاي-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ماجىراغا سەۋەب بولغان چېگرا رايونى ئېقىن، كۆل، مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلار ئىكەن. خىتاي ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پىرادېش ئۆلكىسىگە تەۋە 90 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر يەرنى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ھىندىستان ئاقساي چىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 37 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرنى خىتاي ئىگىلىۋالدى، دەپ قارايدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ