خوتەندە زور مىقداردا كۈمۈش كان بايقالدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا ماگما گىدروتېرمال كۈمۈش مېتال كانى بايقالغان.

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەبىئىي بايلىق نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گېئولوگلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن رايونىدا تۇنجى قېتىم ماگما گىدروتېرمال كۈمۈش كان بايقىغان. دەسلەپكى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتىن كېيىن، بۇ رايون سەككىز كۈمۈش رەڭلىك مىنېراللاشتۇرۇلغان ئۆزگەرتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن.

ئىگىلىنىشچە، 2022-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تەبىئىي بايلىق تارماقلىرى خوتەن ناھىيەسى كۈمۈش تاغ دەرياسى رايونىدا كۈمۈش-مىس قاتارلىق كۆپ قۇتۇپلۇق كانلارنى قېزىش ئۈچۈن، ئومۇمىي تەكشۈرۈش تۈرىنى يولغا قويغان. دائىرىلەر بىر يىل ئىچىدە، بۇ رايوندا ماگما گىدروتېرمال كۈمۈش مېتال كېنىنى بايقىغان. بۇ خىل ماگما گىدروتېرمال كۈمۈش مېتال كانى زاپىسىنىڭ خوتەن رايونىدا تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

 2023-يىلى 1-ئايدا، دەسلەپكى چارلاش ۋە باھالاشتىن كېيىن، بۇ تۈر سەككىز كۈمۈش رەڭلىك مىنېراللاشتۇرۇلغان ئۆزگەرتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلگەن. بۇ كاندا رۇدا چىقىدىغان تاشلار ئاساسلىقى بىرېكيا (بارىت)، مېتافورا قۇم تېشى، شارسىمان سىلىتسىيلىق تاشلار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بارىت تاشلىرىدىن مىس ۋە ئالتۇن چىقىدىكەن.

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئېنېرگىيە ئىستېمالچىسى بولغان خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا نېفىتتىن باشقا ئالتۇن، پىلاتىنا، كۈمۈش، ئۇران ۋە كۆمۈر قاتارلىق نۇرغۇنلىغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى قىممەتلىك بايلىقلىرىمىزنى قېزىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى يەرلىك خەلقنىڭ مەنپەئەتىگە ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش، قۇل ئورنىدا ئەمگەككە سېلىش، يۇرتلىرىدىن سۈرگۈن قىلىش، ھەتتا پۈتۈنلەي قىرغىن قىلىپ تۈگىتىپ، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنى تولۇق يۇتۇۋېلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1407 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق