بايدېن ھۆكۈمىتى خۇاۋېيغا قاراتقان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى كۈچەيتمەكچى

بايدېن ھۆكۈمىتى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ماگناتى خۇاۋېيغا كۆپلىگەن مەھسۇلات ۋە تېخنىكىلارنى ئېكسپورت قىلىش ئىجازەتنامىسى بېرىشنى توختىتىش بۇيرۇقى چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە G4 كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ۋە ئىلگىرى ئېكسپورت قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن مەھسۇلاتلار بار ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 31-يانۋار بىلۇمبېرگ خەۋەرلىرى تورىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېيغا قاراتقان يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسى G4 تورىغا مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەۋلاد سىمسىز تېخنىكا، سۈنئىي ئىدراك ۋە يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش تېخنىكىسى ۋە بۇلۇت مەھسۇلاتلىرى ئىكەن.

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمەلدارلار ئېكسپورت سىياسىتىنى داۋاملىق تەكشۈرۈدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق كونكرېت شىركەت تىجارىتىگە باھا بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىنىڭ جازاسىغا ئاساسەن، خۇاۋېينىڭ تىجارىتى قىيىن ئەھۋالدا قالغان، ئەمما شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىلى 4-پەسىلدە يانفوننىڭ سېتىلىشى 2021-يىلدىكى تۆۋەن نۇقتىدىن ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئامېرىكىنى خىتايغا قارىتىلغان ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇش ئارقىلىق ئەركىن سودا قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي يەنە بۇ چەكلىمىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرىدىغان ۋە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ چەكلەش ھەرىكىتىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 516 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2023 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق