خىتاي شىركىتى خۇاۋېينىڭ تۈركىيە پىلانى ئەمەلگە ئاشمىدى

خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېينىڭ تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا مۇلازىمەت قىلىش پىلانىدا چىڭ تۇرۇشى دىققەت قوزغىدى.

تۈركىيە خەلقئارا مۇداپىئە تېخنىكا تورىنىڭ 29-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنقەرە ۋە يەرلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بىلەن سۆھبەت قىلىۋاتقان خۇاۋېينىڭ رەزىل مەقسىتىنى ئاشكارىلىشى سەۋەبلىك، ھازىرغىچە تۈركىيەدە ئورناتقان ياخشى مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى سىسكو شىركىتى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات تورى مۇلازىمىتىگە خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقان بولۇپ، خۇاۋېينىڭ بۇ خېرىدار چاقىرىش ھەرىكىتى مەغلۇپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، خۇاۋېينىڭ بۇ ھەرىكىتى خىتاينىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

تۈركىيە شىركىتى بىلەن خېرىدار چاقىرىشقا قاتناشقان خۇاۋېينىڭ ئىشلىرى باشتا ناھايىتى ياخشى باشلانغان. 2022-يىلى ماي ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن خېرىدار چاقىرىشتا، خۇاۋېي بىرىنچى ئايلانما سۆھبەتتە مۇۋەپپەقىيەتلىك تاللانغان. تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۆز ئىچىدە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلمىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان تەنقىدلەر ۋە تالاش-تارتىشلار تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئورگىنىغا يەتكۈزۈلگەن. تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بۇ مەسىلىنى بايقىغاندىن كېيىنلا قايتا ئېنىقلاشنى باشلىغان.

نويابىر ئېيىدا ئىككىنچى قېتىم خېرىدار چاقىرىش ئۇسۇلى قايتا ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما بۇ جەرياندا رىقابەتلەشكەن تەرەپلەرنىڭ ئەسلى مۇددىئاسى تېخىمۇ ئاشكارىلانغان. بۇ قېتىملىق رىقابەتكە خۇاۋېي ۋە سىسكودىن باشقا ئامېرىكىدىكى ئارىستا تورى مۇتەخەسسىسى ۋە تۈرك شىركىتى SBI مۇ قاتناشتۇرۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، خۇاۋېي تۈركسەلنىڭ تەننەرخنى تېجەش مەسىلىسىگە قارىتا باشقىچە پىكىرىنىڭ بارلىقىغا قارىماي، ھەرخىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ باھانى تۆۋەنلىتىشتە چىڭ تۇرغان. خۇاۋېي تۈركسەلنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، تۈركسەل شىركىتى بىلەن بولغان بارلىق توختاملاردىكى ھەمكارلىقنى توڭلىتىمىز دەپ تەھدىت سالغان. بۇ تالاش-تارتىش تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاكار ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋبىنغا يەتكەن.

گەرچە خۇاۋېينىڭ تۈركىيە شىركەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياخشى داۋام قىلغان بولسىمۇ بىراق ئۇنىڭ ئالا كۆڭۈل، تاجاۋۇزچىلىق تاكتىكىسى بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەن.

خىتاي كوممونىست رېجىمىغا باغلىنىشلىقى ۋە دۆلەتلەرنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى خىتاي رېجىمىغا يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىن قوغلانغان خىتاي شىركىتى خۇاۋېي نۆۋەتتە تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىنى ئۇچۇر مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن تىپىرلىماقتىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 660 قېتىم كۆرۈلدى
01/02/2023 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق