خىتاي ياپونىيەگە تەھدىت سالدى

خىتاي ياپونىيەنىڭ بەش پاراخوتىنىڭ سىنكاكو ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياپونىيە تەرەپكە تەھدىت سالدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دېڭىز ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گەنيۈ 30-يانۋار ياپونىيەنىڭ «شىن شىۋەن» ناملىق بەش پاراخوتىنىڭ سېنكاكو ئارىلى دېڭىز تەۋەلىكىگە قانۇنسىز كىرگەنلىكىنى، خىتاي دېڭىز ساقچى پاراخوتى زۆرۈر بولغان تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئاگاھلاندۇرۇش ئارقىلىق قوغلىۋەتكەنلىكىنى، سېنكاكو ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئاراللارنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغان.

گەنيۈ باياناتىدا يەنە خىتاينىڭ دېڭىز ساقچى پاراخوتلىرى باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى، ياپونىيەنىڭ بۇ مەسىلىدە سۆز قىلىش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ياپونىيەگە تەھدىت سېلىپ: «ياپونىيەنى مەزكۇر دېڭىز رايونىدىكى بارلىق قانۇنغا خىلاپ ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىپ، بۇنداق ئىشلارنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ خىتاينى چەكلەش ئۈچۈن ئاسىيادىكى ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى مەسىلىسىدە ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامېرىكا بىلەن بۇ ساھەدە ئاكتىپ ھەمكارلاشقان. بۇ سەۋەبلىك يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاي بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى جىددىيلىشىشكە باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 609 قېتىم كۆرۈلدى
31/01/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق