خىتاينىڭ يادرو قورالى ۋە يادرو تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى 1997-يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونترولى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ئورگان 2020-يىلدىن باشلاپ كۆپ قېتىم ئامېرىكىدىن ئىلغار كومپيۇتېر ئۆزىكىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بۇ ئورگىنىنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئېكسپورتنى كونترول قىلىدىغان ئورۇنلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن خىتاينىڭ يادرو قورالى ۋە يادرو تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنى بولغان قۇرۇلۇش فىزىكا ئاكادېمىيەسى كومپيۇتېر ئۆزەكلىرىگە ئېرىشكەن. بۇ ئاكادېمىك ئۈچىنچى تەرەپ سۈپىتىدە باشقا نامەلۇم خىتاي سودىگەرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىدىن كومپيۇتېر ئۆزىكى سېتىۋالغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، يىڭۋىدا شىركىتى خىتاي قۇرۇلۇش فىزىكا ئاكادېمىيەسى ئىشلىتىدىغان يىڭۋىدا ماركىسىدىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ گىرافىك بىر تەرەپ قىلىش ئۆزىكى ئىكەن. بۇ ئۈسىكۈنە ئادەتتە شەخسىي كومپيۇتېرلاردا كۆپ ئۇچرايدىكەن. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەخسىي كومپيۇتېرلارنىڭ سېتىلىش سانى كۆپ بولغاچقا، ھېچقانداق ئۆزەك شىركىتى ھەر بىر كومپيۇتېرنىڭ ئاخىرقى ئىشلەتكۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى كونترول قىلالمايدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سابىق ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ئارمىيەسى ۋە ئۇنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرى بىر قىسىم ۋاسىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىنىڭ چەكلىمىسىدىن ئەگىپ ئۆتكەن. خىتاينىڭ يادرو قوراللىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونترول قائىدىسىنى ئەگىپ ئۆتۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار ئۆزەكلىرىگە ئېرىشكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مىككول ( McCall ) يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سودا مىنىستىرلىقى سانائەت ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خىزمىتىنى لايىقىدا ئورۇندىمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ