ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر گۇرۇھىغا ياردەم بەرگەن خىتاي شىركىتىنى جازالىدى

ئامېرىكا 26-يانۋار بىر خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ شىركەت رۇسىيەنى ئۇكرائىنانىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلەش ۋە رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەر تەمىنلەيدىغان «ۋاگنېر گۇرۇھى»نىڭ ئۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاش مەسىلىسىگە چېتىلغان.

ب ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 26-يانۋار خىتاينىڭ چاڭشا شەھىرىگە جايلاشقان تيەنيى ئالەم پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى چەكلىك شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر خىتاي شىركىتى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى جازالاشنى تەستىقلىغان 16 خىتاي ئورگىنىنىڭ بىرى بولۇپ، بېيجىڭ ۋە لىيۇكسېمبۇرگدا ئىش بېجىرىش ئورنى بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋاگنېر گۇرۇھى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى نەچچە ئون مىڭ ياللانما ئەسكەر بىلەن تەمىنلىگەن.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا ئېيتىلىشىچە، تيەنيى ئالەم پەن-تېخنىكا ئىنستىتۇتى مەركىزى رۇسىيەگە جايلاشقان تېخنىكا شىركىتى «Terra Tech»نى ئۇكرائىنادىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ سۈنئىي ھەمراھ رادارى ئارقىلىق تارتىلغان بىرلەشتۈرۈلگەن سۈرەتلىرى بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ سۈرەتلەر بولسا ۋاگنېر گۇرۇھىنىڭ ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىش پىلانى ئۈچۈن توپلانغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى يەنە مەزكۇر خىتاي شىركىتىنىڭ لىيۇكسېمبۇرگدىكى تارماق شىركىتىگە جازا يۈرگۈزگەنلىكى ئېلان قىلغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ جازا خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق مۈلكى ياكى مەنپەئەتنى باشقا ئورۇنغا يۆتكەش ياكى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي تەرەپ ھازىرچە ئامېرىكىنىڭ بۇ جازا قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 723 قېتىم كۆرۈلدى
30/01/2023 16:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق