ئەنگلىيەدە خىتاينىڭ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىكرو ئۆزەكلەر ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان تېلېفوندىن تارتىپ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىغىچە ھەممىسىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇشى بەزى ئەندىشىلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.
ئەنگلىيەدە يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، خىتاينىڭ ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىغا قويۇلغان مىكرو ئۆزەكلەر ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىيالايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇرلار ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن، خىتاي توڭلاتقۇ ياكى باشقا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى ئارقىلىق ئەنگىلىيەگە جاسۇسلۇق قىلىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتىن كېيىن، ئەنگلىيەدە ئەندىشە پەيدا بولغان بولۇپ، دوكلاتتا خىتايدىكى ئۈچ شىركەتنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەردە دۇنيا بازىرىنىڭ %54 نى ئىگىلەيدىغانلىقى تەكىتلەندى.
ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرى يەنە ئۆزەك ئارقىلىق خىتاي رېجىمىنى سانلىق مەلۇمات ئېقىمى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان بولۇپ، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئەنگلىيە ھۆكۈمەت ماشىنىلىرىدا خىتاينىڭ ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىلىرى تېپىلغان.
نۆۋەتتە خىتاي مەھسۇلاتلىرى مەيلى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى بىخەتەرلىك جەھەتتىن بولسۇن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جىددىي گۇمان پەيدا قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر