ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ئۇنى خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن كېلەر ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭغا زىيارەتكە بارىدىغان بولۇپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پىرايس 24-يانۋار تىۋىتتېر ھېسابىدا بىلىنكېننىڭ چەت ئەلدىكى كۆپلىگەن تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭ ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى ئاڭلاپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بىر قىسىم پائالىيەتچىلەر بىلىنكېننىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بىر قىسىم شەخسلەر ئۇنىڭ خىتايغا يۇمشاق پوزىتسىيەدە بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
نۆۋەتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلىنكېننىڭ بېيجىڭ زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالىدىغان-ئالمايدىغانلىقى ۋە شۇنداقلا خىتايغا بۇلارنى تۈزىتىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغان-بەرمەيدىغانلىقى ھەققىدە تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم