ئەنگلىيەدىكى 40 ئۇنىۋېرسىتېت خىتاي ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقان

ئەنگلىيەدىكى 40 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تۈرلۈك جىنايەتلەرگە چېتىشلىق بولغان خىتاي ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلاشقانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن غۇلغۇلا قوزغىدى.

ئەنگلىيە ئاخبارات ئورگىنى «ۋاقىت گېزىتى» بىر نەچچە كۈن بۇرۇنقى خەۋىرىدە ئەنگلىيەدىكى داڭلىق كامبىرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىتاينىڭ كۆپلىگەن ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ كەلگەنلىكىنى، مەزكۇر خىتاي ئورگانلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى، جاسۇسلۇق، تور ھۇجۇمى قاتارلىق كۆپلىگەن جىنايەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ئۇنىۋېرسىتېتلار بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق خىتاينىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى ھالقىلىق يەتتە ئۇنىۋېرسىتېت بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇ يەتتە ئۇنىۋېرسىتېتى ھەربىي قىسىم ئۈچۈن چەت ئەلنىڭ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىنى ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرى بىلەن خىتاي ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىقى سابىق باش ۋەزىر كامېرون ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان دەۋردە ئورنىتىلغان. گەرچە كۆپ قىسىم ھەمكارلىق تۈرلىرىدە خەتەر مەۋجۇت بولمىسىمۇ، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتىنىڭ باھالىشىچە، ئۆتكەن بەش يىل ئىچىدە ئەنگلىيەنىڭ 42 ئۇنىۋېرسىتېتى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان خىتاي ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 22 ھەمكارلىق تۈرى «ئىنتايىن خەتەرلىك» دەپ باھالانغان.

بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئەنگلىيەنىڭ بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھەربىي ئورگانلىرى بىلەن ۋاسىتىلىك ھەمكارلىشىپ قېلىش ۋە خىتاي رېجىمىنىڭ خەلقنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ي. قۇرۇم

بۇ خەۋەر 637 قېتىم كۆرۈلدى
25/01/2023 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق