خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى خىتاينىڭ چاغان تەبرىكلەش ھەپتىسىدىلا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك 12 مىڭ 658 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي سىنا تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى 13-يانۋاردىن 19-يانۋارغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى سەۋەبلىك دوختۇرخانىلاردا 12 مىڭ 658 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى پۈتۈن خىتايدا يۇقۇملىنىش دولقۇنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلان قىلغان ۋىرۇس سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۆيدە ئۆلگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن. دوختۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى بىمارلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆلۈم ئىسپاتىغا «ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلدى» دەپ يېزىشنى خالىمايدىكەن.
خىتايدا ئاتالمىش «نۆل يۇقۇم» تەدبىرلىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، 2022-يىلى 8-دېكابىردىن 2023-يىلى 12-يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا 59 مىڭ 938 كىشىنىڭ ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قېتىمقى يۇقۇم دولقۇنىدا بىر ئاي ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ 72 مىڭ 596 گە يەتكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى.
خىتاي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ۋۇ زۈنيوۋ خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ۋېيبودا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تەدبىرلەر بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتايدىكى 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسنىڭ %80 تىن كۆپرەكىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېگەن.
خىتاي قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 7-يانۋاردىن 15-فېۋرالغىچە بولغان 40 كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەر قىلغۇچىلارنىڭ 2 مىليارد 100 مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتىكەن. بۇ جەرياندا خىتايدىكى يۇقۇملىنىش نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ ئېشىش ئېھتىماللىقى جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ