خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ مۇۋەققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيىدوۋ تېلېفونلاشتى.
خىتاي خەلق تورى 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 19- يانۋار خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇۋەققەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سەيىدوۋ بىلەن تېلېفونلاشقان.
چىن گاڭ سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، خىتاي -ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى. خىتاي-ئۆزبېكىستان بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىككى تەرەپ باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىتاي-ئۆزبېكىستان ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى مەسىلىسىدە بىر-بىرىنى قەتئىي قوللاش، خىتاي -ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىي ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى، خىتاي تەرەپ ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشىنى داۋاملىق تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقىنى، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
سەيىدوف بىلەن چىن گاڭ ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.
شۇنداقلا ئۆزبېكىستان تەرەپمۇ خىتاي تەرەپ بىلەن رايون خەۋپسىزلىكى، مۇقىملىقىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە بىر مەيداندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى سەۋەبلىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە رۇسىيەدىن ئاستا-ئاستا يىراقلىشىپ، خىتايغا ياكى غەرب ئەللىرىگە يېقىنلاشقان. گەرچە بۇ دۆلەتلەر سۆزلىرىدە ئېھتىياتچان بولسىمۇ، ئەمما ھەممىسى ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك قوللىمىغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق رۇسىيەگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان.
ئالدىنقى يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شى جىنپىڭنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، مەزكۇر دۆلەتلەرنى ئالدام خالتىسىغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.
خىتاي رايوندىكى تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىندەككە كەلتۈرۈپ، ھەر جەھەتتىن ئۆزىنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشماقتا ۋە خىتاينىڭ رايوندا كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان كېڭەيمىچىلىكى ۋە يولسىزلىقلىرى مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىنىمۇ قاتتىق بىئارام قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ