ئامېرىكا خىتاينى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇردى

ۋاشىنگتون ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېننىڭ خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، خىتاينى ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 20-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېننىڭ كېلەر ئاينىڭ بېشىدىكى خىتاي زىيارىتىدىن ئىلگىرى، ۋاشىنگتون خىتايغا قويغان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى مەسىلىسىدىكى قىزىل سىزىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينى موسكۋانىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشى داۋامىدا رۇسىيەنى بىخەتەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشتىن ئاگاھلاندۇرغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مايكېل چەيس Michael Chase17-يانۋار خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇڭ يەنچاۋ بىلەن سۆھبەتلەشكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي سۆھبىتىدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ خىتايدىن تەلەپ قىلغان بىخەتەرلىك ياردىمى مەسىلىسىگە خىتاينىڭ قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزەتكەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا ئەمەلدارى رۇسىيەنىڭ تىرانسپورت ئايروپىلانلىرىنىڭ خىتايغا كۆپ قېتىم بارغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى نېد پرايىس ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى مۇخبىرىنىڭ بېيجىڭنىڭ رۇسىيەگە بىخەتەرلىك ياردىمى بېرىدىغان ياكى بەرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋاشىنگتوننىڭ قانداق ئىنكاسى بار ئىكەنلىكىنى سورىغان. نېد پرايىس مۇخبىرنىڭ سوئالىغا: «مېنىڭ بۇ ھەقتە تەمىنلەيدىغان يېڭى باھايىم يوق» دېگەنىدى.

نېد پرايىس: «ئەگەر بىز خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ جازادىن قېچىشىغا سىستېمىلىق ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى بايقىساق، ئەلۋەتتە خىتاينىڭ بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتەيدىغان كۈنى كېلىدۇ» دېگەنىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بۇزۇلۇش ھالىتىگە كەلگەن بولۇپ، 17-يانۋاردىكى ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى سائەتلىك سۆھبىتىدىن ئىلگىرى، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىنLloyd Austinنىڭ ھەربىي توقۇنۇشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا قىلماقچى بولغان سۆھبەت تەكلىپىنى خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى ۋېي فېڭخې رەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 808 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2023 14:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق