ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش تەشەببۇسى رەت قىلىندى

ئىيى پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش ھەققىدىكى تەكلىپى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن رەت قىلىندى. ئىيى پارتىيىسىنىڭ ئايدىن مىللەت ۋەكىلى ئايدىن ئادنان سېزگىن ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدا يەتتە قېتىم سۇنغان تەكشۈرۈش تەكلىپىنىڭ يەنە رەت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىرقداشلىرىمىز ھەققىدە يەتكۈزگەن كونكرېت ئۇچۇرلارغا ۋە چاقىرىقلىرىمىزغا جاۋابەن، ھۆكۈمەت بىزنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ئويۇنىغا چۈشۈپ قېلىش بىلەن ئەيىبلىدى» دېدى.

قارار گېزىتىنىڭ 19-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىيى پارتىيىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش» ھەققىدىكى تەشەببۇسى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى پارتىيىسى ۋەكىللىرى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان.

سېزگىن بۇ تەكلىپ ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ھۆكۈمەت ئۇزۇندىن بۇيان، ئىرقداشلىرىمىز ياشاۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈتتە تۇرۇپ، كۆز يۇمۇشقا ئازلا قالدى. ئۇيغۇرلار ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز كىملىكلىرى بىلەن ياشاش تەلىپىنى تېررورلۇق بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قارايدىغان پەسكەش خىتاي رېجىمى ھەر بىر ئىرقداشىمىزنى يوشۇرۇن «تېررورچى»، خىتايدىن باشقا ھەر قانداق كىملىك ئىپادىسىنى «ئىسيان»، زۇلۇمغا قارشى نارازىلىق ۋە ھەق تەلەپ قىلىشنى «تېررورلۇق» دەپ بازارغا سالماقتا. بىزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئىرقداشلىرىمىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەتكۈزگەن كونكرېت ئۇچۇرلار ۋە چاقىرىقلىرىمىزغا قارىتا ، ھۆكۈمەت بىزنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ ھىيلىسىگە چۈشۈپ قالدى دەپ ئەيىبلىدى» دەپ ئىپادە بىلدۈردى.

ئىيى پارتىيىسىنىڭ تەكلىپىنى ئۆكتىچىلەردىن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيىسى قوللىدى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۈكۈت قىلىشىغا دىققەت تارتتى.

نۇتۇقتىن كېيىن، مەزكۇر تەكلىپ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى ۋە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن رەت قىلىندى.

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر تەكلىپنىڭ ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دەپسەندىچىلىكلەرنى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا دائىم كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەت تەرىپىدىن رەت قىلىنىشىنىڭ ئىنتايىن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە، يەنە بەزىلىرى ھۆكۈمەتنىڭ نۆۋەتتە تەكلىپ سۇنغۇچى ئىيى پارتىيىسى ۋە قوللىغۇچى ئىككى پارتىيەنى سەمىمىي دەپ قارىمايدىغانلىقى، بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى ۋە كۈرتلەرنىڭ پارتىيسى دەپ قارىلىدىغان خەلقلەرنىڭ دېموكراتىك پارتىيىسىنى ئامېرىكا ۋە غەربنىڭ كۈشەندىسى دەپ قارىغانلىقى ۋە ئىچكى سىياسەتتە ئېغىر تىركىشىشتە ئىكەنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلار ئىلگىرى سۈرگەن ھەرقانداق تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، شۇڭلاشقا بۇ رەت قىلىشنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان پاجىئەلەرنى ئىنكار قىلغانلىقى مەنىسىگە كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر.

بۇ خەۋەر 850 قېتىم كۆرۈلدى
21/01/2023 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق