ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى كۆرۈشتى

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

ب  ب س نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 18-يانۋار ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جانېت يېلېن (Janet Yellen) خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې بىلەن شىۋىتسارىيەنىڭ زۇرىخ شەھىرىدە تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن. بۇ خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چەتئەل زىيارىتى ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كۆرۈشۈشتە جانېت يېلېن: «گەرچە بەزى ساھەلەردە ئىختىلاپ بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇقۇشماسلىق، بولۇپمۇ ئالاقىنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققان مەسىلىلەر بىزنىڭ ئىككى تەرەپلىك ئىقتىسادىي ۋە پۇل-مۇئامىلە مۇناسىۋىتىمىزنى ناچارلاشتۇرۇشقا يول ئاچماسلىقى كېرەك» دېگەن. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي، سودا ۋە تېخنىكا سىياسىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، يېلېن بىلەن لىيۇ ئىككىلىسى ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئۆتكەن يىلى نويابىردا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كۆرۈشكەندە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايتا تەكرارلىغان.

خەۋەردە يەنە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى يېلېننىڭمۇ يېقىندا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى، بۇ زىيارەتنىڭ يېقىنقى يىللاردا ناچارلاشقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنى قايتا قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن 2-ئاينىڭ بېشىدا خىتاينى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ بىلىنكېننىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق خىتاي زىيارىتى ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 539 قېتىم كۆرۈلدى
20/01/2023 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق