خىتاي ئامېرىكىنىڭ ئاتالغۇ ئۆزگەرتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى

خىتاي ئامېرىكىنىڭ «خىتاي» ئاتالغۇسىنى «كومپارتىيە» ئاتالغۇسىغا ئۆزگەرتىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى. فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئەزالىرى يېقىندا بىرلىكتە قۇرغان خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى «خىتاي» دېگەن ئاتالغۇنى «كومپارتىيە» ئاتالغۇسىغا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، بۇنىڭدا خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى پەرقلەندۈرۈش تەكىتلەنگەندىن باشقا، ئامېرىكىدىكى ئاسىيالىقلارغا قارشى ئۆچمەنلىكنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئاساسىي مەقسەت قىلىنغان. ئەمما مەزكۇر ئاتالغۇنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتى ھەر دائىم «كوممۇنىست پارتىيە ھەمىشە خەلق بىلەن بىرگە» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يېڭى تەشكىللەنگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەسمىي ئىش باشلىغاندىن كېيىن، 365 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 65 ئاۋازنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەن «ئامېرىكا بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت ئالاھىدە كومىتېتى» تەسىس قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى قايتا باھالانغان. بۇ جەرياندا خىتاينىڭ دۆلەت ئىسمى جۇڭگو يەنى «خىتاي» ئاتالغۇسى ئورنىغا «CCP» يەنى «خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى» نىڭ قىسقارتىلمىسىلا ئىشلىتىلگەن. خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ تۇنجى رەئىسى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى مايك گاللاگېر Mike Gallagher سۆزىدە: «بىز پارلامېنتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن كۈچ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. ھەرىكەت باسقۇچىدىكى ھەر بىر قەدەمدە، بىز خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن خىتاي پۇقرالىرىنى پەرقلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى ئاتالغۇ ئۆزگەرتىشكە قارىتا، خىتاي رېجىمى تاراتقۇلىرىدىن «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» 12-يانۋاردىكى سانىنىڭ بىرىنچى بېتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭى ئورگىنىنى «قاتتىق قول» دەپ تەنقىد قىلغان ۋە كومىتېتنى تەنقىدلەپ: «بۇ كومىتېتتا ئىككى پارتىيە ئىچىدىكى خىتايغا قارشى كۈچلەر توپلاندى. بۇ خىتايغا قارشى يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى قوزغاشنىڭ مۇھىم سىگنالى» دېگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋاڭ ۋىنبىن نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە ئوبيېكتىپ ۋە ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىشى، ئامېرىكا خىتاي بىلەن بىر يولدا ماڭماقچى بولسا ھەمكارلىق ۋە تەڭ پايدا ئالىدىغان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 575 قېتىم كۆرۈلدى
18/01/2023 16:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق