ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى خىتاينىڭ ئىشتات دائىرىسىدىن ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان بولۇپ، ئىشتات باشلىقى ئىمزا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 17-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتى پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت، شىركەت ۋە شەخسلىرىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىن ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەش ھەققىدە قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىشتات باشلىقى ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ئىشتات پارلامېنتىدا ماقۇللانسا بۇ قانۇنغا ئىمزا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئىشتاتلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى لويىس كولخورست خىتاي، ئىران، شىمالىي كورىيە ۋە رۇسىيە قاتارلىق بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تېكساس ئىشتاتىدا يەر ۋە ئۆي-مۈلۈك سېتىۋېلىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا، تېخىمۇ كۆپ تېكساسلىقلار ئاساسلىقى خىتاي يەر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىدىن ئېھتىيات قىلىشقا باشلىغان.
لويىس كولخورست: «ئامېرىكىلىق بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن سىز خىتاينىڭ ھەربىي بازىلىرىغا يېقىن يەردىن زېمىن سېتىۋالالايدىغان ياكى سېتىۋالالمايدىغانلىقىڭىزنى سىناپ بېقىڭ. بۇ خىل ئىش باشقا يەردە ھەرگىز يۈز بەرمەيدۇ، شۇنىڭدەك بۇ يەردىمۇ يۈز بەرمەسلىكى كېرەك» دېگەن.
تېكساس ئىشتاتىنىڭ باشلىقى گرېگ ئاببوت يەكشەنبە كۈنى تۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ: «مەن بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويىمەن. مەن ئىلگىرى بۇ دۆلەتلەرنىڭ بىزنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىمىزگە تەھدىت سېلىش قىلمىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان ئىدىم» دېگەن.
ئامېرىكىدىكى فلورىدا، كالىفورنىيە ۋە تېكساس ئىشىتاتى خىتايلار ئەڭ كۆپ يەر سېتىۋالىدىغان ئۈچ ئىشتات بولۇپ، بۇ ئۈچ ئىشىتات ئامېرىكىنىڭ ھەربىي بازىسى كۆپ بولغان ئىشتاتلاردۇر.
فلورىدا ئىشىتاتىنىڭ باشلىقى رون دېسانتىس ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا مەمۇرىي بۇيرۇق ئىمزالاپ، دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ خىتاي قاتارلىق «دۈشمەن دۆلەتلەر» دىن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت سېتىۋېلىشىنى چەكلىگەنىدى ۋە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي بازىلارغا يېقىن دېھقانچىلىق يەرلىرى ۋە يەر سېتىۋېلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.
خىتاي بۇ مەسىلىدىمۇ ئامېرىكىنى دۆلەت بىخەتەرلىك ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە خەلقئارا سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ