خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى يېقىندا دوختۇرخانىدا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى ئېلان قىلغان. ئۆلگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 80.3 ياش ئەتراپىدا بولۇپ، بىر ئاي ئىچىدە خىتاي دوختۇرخانىلىرىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى جەمئىي 59 مىڭ 938 ئىكەن.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، 14-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەش مېخانىزمى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى تىببىي مەمۇرىيەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جياۋ ياخۇينىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە، خىتاي بويىچە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا جەمئىي 59 مىڭ 938 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار سەۋەب بىلەن دوختۇرخانىدا ئۆلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 5503 كىشى يېڭى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان نەپەسلىنىش ئىقتىدارى زەئىپلىشىش بىلەن ئۆلگەن. 54 مىڭ 435 كىشى ئاساسىي كېسەللىك ۋە يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ ئۆلگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 16-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا خىتاينى ئېنىق سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە كېلىپ چىقىشى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتكە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ