خوتەن ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ خوتەن ناھىيەسىدە 16-يانۋار 3.9 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىچە، 16-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 17 دىن 29 مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەن ۋىلايىتى خوتەن ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 35.79 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 79.97 گىرادۇس)  3.9 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 8 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. ئەمما خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاپەت جەريانىدىكى يارىلىنىش ۋە ئىقتىسادىي زىيان ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شايار ناھىيەسىدە 3.1 بال يەر تەۋرىگەن. 16-يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11 دىن 09 مىنۇت ئۆتكەندە، شايار ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 41.12 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 83.40 گىرادۇس) 3.1 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ، تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 18 كىلومېتىر ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1082 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2023 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق