15-يانۋار خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى پەنجىن شەھىرى پەنشەن ناھىيەسىدىكى بىر خىمىيە زاۋۇتىدا ئوت ئاپىتى سەۋەبلىك پارتلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئاسمان پەلەك ئىس-تۈتەك كۆتۈرۈلگەن.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پەنشەن ناھىيەلىك دائىرىلەر بۇ پارتلاشنىڭ 15-يانۋار چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 1:30 ئەتراپىدا پەنجىن خاۋيې خىمىيە زاۋۇتىدا يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ سەۋەبى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى بايان قىلغان.
خىتاينىڭ رەسمىي تاراتقۇلىرىدا پارتلاشتا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوت ئاپىتىدە ئىككى كىشى ئۆلۈپ، 34 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى، پارتلاشتا يوقاپ كەتكەن 12 كىشىنى ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
پەنجىن خاۋيې خىمىيە چەكلىك شىركىتى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ شىركەتنىڭ 2012-يىلى مايدا تىزىمغا ئالدۇرغان مەبلىغى 550 مىليون يۈەن بولۇپ، نۆۋەتتە زاۋۇتتا 2500 ئادەم ئىشلەيدىكەن. بۇ زاۋۇت پەنجىن نېفىت خىمىيە ئايلانما ئىقتىساد باغچىسىغا جايلاشقان بولۇپ، 2020-يىلى خىتاي بويىچە خەلق ئىگىدارچىلىقىدىكى 500 كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا، 2021-يىلى خىتايدىكى 500 نېفىت خىمىيە سانائىتى ئىچىدىكى كۈچلۈك كارخانا قاتارىغا كىرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ