خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغان خەلقئارالىق ئورگانلار كۈچەيمەكتە

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى دوكلات ئېلان قىلىپ، 2022-يىلى خىتايدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشىلىك ھوقۇق كىرىزىسى ئېغىرلاشقانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان يېڭى ئورگانلارنىڭمۇ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، باش ئىشتابى نىيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 12-يانۋار كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا 2022-يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن بىر يىلدا 100 گە يېقىن دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىياتىغا باھا بەرگەن.

دوكلاتتا رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىدىن تارتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوچۇق-ئاشكارا تۈرمىگە سولاش قىلمىشلىرىغىچە باھالاپ چىققان.

دوكلاتتا يەنە 2022-يىلى كىشىلىك ھوقۇققا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ يەر شارى كىشىلىك ھوقۇق سىستېمىسىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يېڭىچە يول ئېچىش يولىدا تۈپ ئۆزگىرىشلەرنى قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ يىللىق دوكلاتنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك بابىدا دېيىلىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خەلقنىڭ كوچىلارغا تۆكۈلۈپ، خىتاينىڭ يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغانلىقى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشىغا قارشى بېسىملارنىڭ كۈنسېرى كۈچەيگەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش قىلمىشىغا زەربە بەرگەنلىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 646 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2023 16:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق