خىتايدا تۇرۇشلۇق پاكىستان كونسۇلخانىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «تىلغا ئالدى»

خىتاينىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە تۇرۇشلۇق پاكىستان باش كونسۇلخانىسى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ ئۇچۇر يوللىغان بولۇپ، بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، پاكىستان دائىرىلىرى كونسۇلخانا تىۋىتتېر ھېسابىنىڭ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

«Times Now» تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پاكىستاننىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى 13-يانۋار رەسمىي تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ پاكىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا قىلغان ياردىمى ۋە قوللىشىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەردە يېقىندىن ھەمكارلاشماقتىمىز» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغان.

پاكىستان كونسۇلخانىسى بۇ ئۇچۇرنى يوللاپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ھەققىدە بۇ تىۋىتتېر ئۇچۇرى ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، پاكىستان تاشقى ئىشلار باياناتچىسى پاكىستاننىڭ چېڭدۇدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىنىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ تىۋىتتېر ئۇچۇرى پاكىستاننىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ئىپادىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 580 قېتىم كۆرۈلدى
17/01/2023 16:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق