خىتاي دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ زىيارىتى ھەققىدە ئاخبارات يىغىنى ئاچتى

خىتاي 13-يانۋار ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى»نىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى ھەققىدە مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

مەزكۇر يىغىندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» باياناتچىسى شۈ گۈيشىياڭ ئاتالمىش زىيارەت ئۆمىكىنىڭ سۆزلىرىنى قايتا تەكرارلاپ، ئۇلارنىڭ خىتاي رېجىمىنىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى»نى ماختىغانلىقىنى، ئاپىرىن ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.

خىتاي رېجىمىنىڭ مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاندا 8-يانۋاردىن 11-يانۋارغىچە ئۈچ كۈنلۈك «زىيارەت»تە بولغانىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر، سۇرىيە، بەھرەين، بوسنىيە، تۇنىس، سېربىيە، جەنۇبىي سۇدان، ماۋرىتانىيە، ھىندونېزىيە، كۇۋەيت، ئىيوردانىيە ۋە ئومان قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن ئاتالمىش «دىنىي زاتلار ۋە ئالىملار» خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلىغانىدى.

خىتاي بۇ زىيارەتنى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، خۇسۇسەن ئىسلام دۇنياسىدىن يوشۇرۇپ، كۆز بوياشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسەتتە تەشكىللىگەن. ئاتالمىش زىيارەت ئۆمىكى خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنى بويىچە بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي رېجىمى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئەلى راشىد نۇئەيمى ۋە باشقا ئۆمەك ئەزالىرىنىڭ زىيارەت جەريانىدا ئېلان قىلغان ۋە مۇخبىرلارغا ئېيتقان نومۇس قىلارلىق سۆزلىرىنى كۈچەپ تارقاتماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 743 قېتىم كۆرۈلدى
16/01/2023 17:23:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق