ئاتالمىش «دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى»نىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىن باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ خىتايغا يان بېسىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ئەمەلىي ۋەزىيەت ھەققىدىكى جۆيلۈشلىرىگە قارشى نارازىلىق ۋە تەنقىدلەر كۆپەيمەكتە.
بوسنا ھەرسەك ئىسلام بىرلىكى ئەلى راشىد نۇئەيمىگە ئەگىشىپ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان سابىق بوسنىيە ئۆلىمالار رەئىسى مۇستافا جېرىچ ۋە سېربىيەدىكى دىنىي ئىشلار رەئىسى دۇدىچنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتى ۋە ئېلان قىلغان بايانلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
بىرلىكنىڭ باياناتىدا مۇستاپا جېرىچ ياكى سېربىيەدىكى دىنىي ئىشلار رەئىسى دۇدىچنىڭ بوسنىيە ئىسلام بىرلىكى نامىدىن خىتايدا زىيارەتتە بولمىغانلىقى، مەزكۇر زىيارەتنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى بىر جەمئىيەت تەرىپىدىن تەشكىللەنگەنلىكى، مۇستاپا جېرىچ بىلەن سېربىيەدىكى دىنىي ئىشلار رەئىسى دۇدىچنىڭ شەرقىي تۈركىستان زىيارىتىدىكى ھەرىكىتى ۋە قىلغان سۆزلىرىنىڭ ھېسابىنى ئۆزلىرى بېرىشى كېرەكلىكى، بوسنىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ بۇ زىيارەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقى بىلدۈرۈلدى.
تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بوسنىيە سانجاق جەمئىيىتى 13-يانۋار ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە قىلغان بايانلىرىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرۈپ بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا بوسنىيە سانجاق جەمئىيىتىنىڭ ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مىسىرلىق دوكتور مۇھەممەد سەغىر تىۋىتتېر ھېسابىدا مەزكۇر زىيارەت ئۆمىكى ئىچىدىكى مىسىر رەئىسى سىسىنىڭ دىنىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى بولغان ئۇسامە ئەزھەرىيگە رەددىيە قايتۇرۇپ: «ب د ت خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلغان بۇ سەللىلىك خىتاي رېجىمىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتىنى ماختىدى. ئۇسامە بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ» دەپ يازدى.
قاتارلىق دوكتور ئابدۇللاھ ئەلئەمادىي ئۆمەكنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «دۇنيا خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان سىستېمىلىق مېڭە يۇيۇش پاجىئەسىگە دىققەت قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاتالمىش دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇتۇق قازانغانلىقىنى تەبرىكلەۋاتىدۇ. بۇ كېڭەشنىڭ مېڭىسى نەقەدەر چوڭقۇر يۇيۇلغان-ھە!» دەپ يازدى.
خىتاي رېجىمىنىڭ پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاتالمىش دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاندا ئۈچ كۈنلۈك زىيارەتتە بولغاندىن، ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە ھەر تەرەپتىن نارازىلىقلار كەلمەكتە.
15-يانۋار ئىستانبۇلدا بۇلارنىڭ سەپسەتىسىگە قارشى چوڭ تىپتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ