خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىمەكتە

فىرانسىيە خەلقئارا گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە خىتاينىڭ ئاممىۋى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى قانداق ئېكسپورت قىلغانلىقى تونۇشتۇرۇلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 13-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىرانسىيە خەلقئارا گېزىتىنىڭ شاڭخەيدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى سىمون لېپلاترې يازمىسىدا ئاشكارىلىشىچە، تەخمىنەن 15 يىل جەريانىدا خىتايدا ئىشلەنگەن كامېرا ۋە كۆزىتىش سىستېمىسى دۇنيا بازىرىدا ھۆكۈمرانلىق ئورۇننى ئىگىلىگەن. خىتاي بۇ جەرياندا قىلچە ئىككىلەنمەستىن كىشىلەرنى ئەڭ رەھىمسىز باستۇرۇۋاتقان دىكتاتور دۆلەتلەرنى كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلەپ كەلگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 2014-يىلى ئۇگاندا پىرېزىدېنتى باشقىلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە بېرەلەيدىغان يېڭى قورالنى تاپشۇرۇۋالغان. ئۇ بولسىمۇ 750.000 دوللارلىق 20 كۆزىتىش كامېراسى بولۇپ ئۇنىڭغا چىراي پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى سەپلەنگەن. بۇ كامېرالارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي شىركىتى خۇاۋېي تەمىنلىگەن.

ماقالىدە يەنە خىتاي ساتقان كۆزىتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تورغا ئۇلانغانلىقىنى ۋە چىراي تونۇش، ھەتتا ئىرقىي تونۇش ئالاھىدىلىكى بارلىقى تەكىتلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ نازارەت قىلىش يۇمشاق دېتالى يەرشارى ئىنتېرنېت تورىغا سىڭىپ كىرگەن بىر پەيتتە، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى سوئال پەيدا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى خىتايدىن نۇرغۇن كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سېتىۋالغان يەنە بىر مۇستەبىت دۆلەت بولۇپ،  2022-يىلىنىڭ بېشىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىپ ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بىر يىلدىن كېيىن، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىدىن بېرما شەھەرلىرىدىكى سىن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن غايەت زور ساندا كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى زاكاس قىلغان.

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بېرما ھەربىي ھۆكۈمىتى زاكاس قىلغان كامېرا ۋە باشقا مۇلازىمەتلەرنى خەيكاڭ، داخۇا ۋە خۇاۋېي قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى تەمىنلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 826 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2023 16:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق