ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يەنە خىتايغا قارشى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى خىتايغا ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى سېتىشنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن ماقۇللىدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ئاساس قىلغان ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 12-يانۋار ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئورۇنلارغا سېتىلىشىنى چەكلەيدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا 331 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 97 ئاۋازنىڭ رەت قىلىشى بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بۇ قانۇن لايىھەسىنى قوللىغاندىن باشقا،  دېموكراتچىلاردىنمۇ 113 پارلامېنت ئەزاسى بۇ قانۇننى قوللايدىغانلار سېپىگە قوشۇلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە سودا كومىتېتى رەئىسى كەيتى ماكموررىس رودجېرس ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى (SPR) دىن ھەر قانداق نېفىت مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسى ئىگىدارچىلىق قىلغان ياكى كونترول قىلغان ياكى خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەر قانداق ئورۇنغا سېتىش چەكلىنىدىكەن. بۇ قانۇن ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىدىن خام نېفىتنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

كەيتى ماكموررىس رودجېرس سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسى خىتايغا ياردەم قىلماستىن، بوران قاتارلىق تەبىئىي ئاپەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نېفىت زاپىسىنى سىياسىي مەقسەتتە چېكىندۈرۈش ۋە بىر قىسمىنى خىتايغا سېتىش ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زور تەھدىت» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى كېيىنكى قەدەمدە بېلەت تاشلاش ئۈچۈن فېدېراتسىيە كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىلىدىكەن. ئەگەر بۇ قانۇن لايىھەسى ماقۇللانسا ئاقسارايدا پىرېزىدېنت جو بايدىن ئىمزا قويىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 784 قېتىم كۆرۈلدى
14/01/2023 15:59:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق