ئامېرىكا ۋە ياپونىيە مىنىستىرلىرى «كېڭەيتىلگەن مۇداپىئە كۈچى» يىغىنىدا خىتايغا ئېنىق ئۇچۇر ئەۋەتتى. ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بېيجىڭنىڭ ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان خەلقئارالىق تەرتىپ ئورنىتىش تىرىشچانلىقىنىڭ ئۇلارنى چوڭقۇر ئەندىشىگە سالغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن تالاش-تارتىش بولۇۋاتقان سېنكاكۇ ئارىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەگە قارىتىلغان ھەر قانداق ھۇجۇمغا يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ھەربىي كۈچلەر بىلەن جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى يىغىنىدا ئۇچرىشىپ، خىتايغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنىڭ يېڭى قەدەملىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.
تۆت مىنىستىر يىغىندىن كېيىن بىرلەشمە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە يىغىندا خىتاينى كەسكىن بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدە مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن ئامېرىكانىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەققىدە تارىخىي قارار ئالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادىكى 12-زەمبىرەك پولكىنى يېڭىدىن تەشكىللەپ 12-دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى دېڭىز قىرغىقى پولكىغا ئايلاندۇرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوستىن بۇ ئۆزگەرتىش مۇساپىسىنىڭ 2025-يىلغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، بۇ پولكنىڭ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يېڭى كۈچ ئۇقۇمى دائىرىسىدە بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ۋە ئىلغار تېخنىكا، ئاخبارات، كۆزىتىش، رازۋېدكا ۋە ئۇزۇن مۇساپىلىك پاراخوتقا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئوستىن خىتاينىڭ يېقىن رىقابەتچى ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن قاتتىق سىناق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ مۇقىمسىزلىق ھەرىكىتىدىن ئورتاق ئەندىشىسى بار. مەن ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىقتىدارلار بىلەن ياپونىيەنى قوغداش ئىرادىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن ھەمدە ئۆز-ئارا بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ 5-ماددىسىنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىغا ماس كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلەيمەن» دېدى.
ئوستىن يەنە خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ يېقىن ياكى ئەمەسلىكى توغرىسىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقە يوللىرىنى ئوچۇق قويماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا ھاۋا ۋە دېڭىز مانىۋېرلىرىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بۇ رايوندا يېڭى نورمال ھالەت يارىتىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمما تەيۋەننىڭ ئىشغال قىلىنىشى يېقىن دېگەن سۆزنى كېسىپ ئېيتالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن سۆز قىلىپ: «بۈگۈن بىز بىرلەشمە ئىتتىپاق قوماندانلىق قىلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى، ئاخبارات، كۆزىتىش ۋە رازۋېدكا قىلىش، ئەسلىھەلەرنى ئورتاق ئىشلىتىش، ئىككى تەرەپلىك مانېۋىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماسلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.
شىمالىي كورىيە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ بۇ رايوننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىلىنكېن، روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
بىلىنكېن كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ۋە بېيجىڭ بىلەن خاتا ھېسابلاشلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالاقە قاناللىرىنى ئوچۇق قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا بولسا: «ياپونىيە ۋە ئامېرىكا خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا ۋە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ئۇزۇن يىللىق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى بۇزماقچى بولغان ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرىدۇ» دېدى.
يوشىماسا يەنە ياپونىيەنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ تەيۋەن ئارىلىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قايتا تەشكىللەش قارارىدىن رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر