ئامېرىكىنىڭ مىسسىسىپى ئىشتاتى 11-يانۋار تىك توكنىڭ بارلىق ئىشتات ھۆكۈمەت ئەسلىھەلىرى ۋە تورىدا ئىشلىتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، مىسسىسىپى ئىشتاتى ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قارار چىقارغان ئەڭ يېڭى ئىشتاتقا ئايلانغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 12-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى تاتې رېۋېس: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ۋە ئامېرىكىلىقلارنىڭ شەخسىي سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلىماقچى بولۇۋاتقانلىقى سىر ئەمەس. مىسسىسىپى ئىشتاتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلىتىمىزدىن سانلىق مەلۇمات ئوغرىلىشىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتاتنىڭ يېرىمى دېگۈدەك خىتاينىڭ تىك توك ئەپ دېتالىنى چەكلەش بۇيرۇقى چىقارغان.
دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىكى ئالدىنقى پارلامېنت بۇلتۇر قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئەپ دېتالى تىك توكنى فېدېراتىپ ھۆكۈمەت ئۈسكۈنىلىرىدە ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. بۇ قانۇن ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى ئورگانلىرىدا قوللىنىۋاتقان ئۈسكۈنىلەرگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويغان. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئاۋام پالاتاسىنى كونترول قىلىپ، تىك توكنى چەكلەش يېڭى قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر ۋراي (Christopher Wray) ئۆتكەن يىلى 15-نويابىر پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بەرگەندە، تىك-توكنىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ سۆزىدە: «خىتاي قانۇنىغا ئاساسەن، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۈتكىنىنى قىلىشى ياكى خىتاي رېجىمىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى ياكى بولمىسا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قورالى سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ