خىتاي ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا كىرىش ۋىزىسىنى ۋاقتىنچە توختاتتى

خىتاي ياپونىيەدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا كىرىش ۋىزىسىنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 10-يانۋار كەچتە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىلىرىنىڭ ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بارىدىغان ئادەتتىكى ۋىزىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىشنى ۋاقتىنچە توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا: «ۋىزىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش قاچان ئەسلىگە كېلىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇقتۇرۇشنى كۈتۈڭ» دېيىلگەن.

رۇسىيە سىپاتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە 8-يانۋاردىن باشلاپ خىتايدىن ياپونىيەگە كىرگەن يولۇچىلارغا قارىتىلغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدىن ياپونىيەگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان يولۇچىلاردىن ئايروپىلانغا چىقىشتىن 72 سائەت بۇرۇن ئالغان ساغلاملىق تەكشۈرۈش گۇۋاھنامىسى بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان. ئۇندىن باشقا خىتاي پۇقرالىرى ياپونىيەگە كىرگەندىن كېيىنمۇ سىناق تەكشۈرۈشنى يولغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ياپونىيەدىن ئۆچ ئېلىش مەقسىتىدە 10-يانۋار ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا كىرىشتە ئىشلىتىدىغان ئادەتتىكى ۋىزىنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا قايتا-قايتا بايانات ئېلان قىلىپ، ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ يەنىلا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىلمىي پاكىتلىرى ۋە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا پەرۋا قىلماي، خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا كەمسىتىش خاراكتېرلىك كىرىش چەكلىمىسى قۇيۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ھەمدە قارشى تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىماقتا.

نۆۋەتتە خىتايدا شىددەت بىلەن يامراۋاتقان خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك 20 گە يېقىن دۆلەت خىتايلاردىن ۋىرۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسى تەلەپ قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 645 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2023 15:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق