خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق كۆز بويامچىلىق قىلمىشى ئاخىرلاشتى

خىتاي رېجىمىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشقا باشلىغانىدى.

مەزكۇر كۆز بوياش زىيارىتى جەريانىدا خىتاي 9-يانۋار ئۆمەكنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتىنى زىيارەت قىلدۇرغان ۋە ئالتاي چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆيلىرىنى، ئالتاينىڭ قارلىق دالالىرىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تولۇق يوشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن باياشات ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇنغان.

ۋاڭ يى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي رېجىمى مەزكۇر ئۆمەكنى 10-، 11-يانۋار كۈنلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى زىيارەت قىلدۇرغان. خىتاي يەنە ئاللىبۇرۇن ئىبادەتكە تاقىلىپ ساياھەتكە ئېچىلغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىمۇ ئېچىپ، تەييارلاپ زىيارەت قىلدۇرغاندىن باشقا، قەشقەر تېخنىك ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلدۇرغان.

خىتاي ئاخىرىدا يەنە زىيارەت ئۆمىكىنىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «يېزىلارنى گۈللەندۈرۈش سۆھبەت يىغىنى»غا قاتناشتۇرغان. زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە كۆرۈنۈشلىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان بولۇپ، بۇ زىيارەتنى خىتاي تاراتقۇلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان. خىتاي بۇ زىيارەتنى نۆۋەتتە قاتتىق بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىغان.

دۇنيا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن بىلجىرلاشلىرىغا قارىتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى قاتتىق نارازىلىقىنى بىلدۈرۈشتىن باشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر بۇ باياناتلارنىڭ نومۇس قىلارلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشۈپ ئىنكاس يېزىشماقتا. 

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1611 قېتىم كۆرۈلدى
12/01/2023 15:43:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق