ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 11-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، فىلىپپىن، خىتاي ۋە ۋىيېتنام 2005-يىلى ئىمزالىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش كېلىشىمى ئەسلىدە 2008-يىلى توشىدىكەن. ئالىي سوتنىڭ كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمدە گەرچە كېلىشىم توشقان بولسىمۇ يەنىلا 14 يىل داۋام قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھۆكۈم خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ نۆۋەتتىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يېڭى ئۆزگىرىشچان ئامىللارنى قوشۇش ھەققىدىكى سۆھبىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۆتكەن نەچچە ئون يىل جەريانىدا خىتاي بىلەن فىلىپپىن ۋە باشقا دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش ۋە چارلاش ھوقۇقى مەسىلىسىدە كەسكىن ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىغا دۇچ كەلگەن. فىلىپپىن بۇ تالاش-تارتىشنى خەلقئارا كېسىم سوتىغا تاپشۇرغان بولۇپ، 2016-يىلى سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن قارار قىلىنغان. ئەمما خىتاي تەرەپ كېسىم نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا تەرەپكە ئېغىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي داۋاملىق فىلىپپىننى زەيتۇن شېخى بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاي يەنە بىر تەرەپتىن، ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنىڭ بىۋاسىتە توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ساقلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن فىلىپپىننى مەبلەغ ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بىلەن تەمىنلەپ ئالداپ كەلگەن. خىتاي يەنە ئىككى دۆلەتنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش ھەمكارلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سۆھبىتىنى مۇزاكىرە قىلغان. ھالبۇكى دۇتېرتې ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 6-ئايدا خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتىن ۋاز كەچكەن. چۈنكى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز چارلاش ھەمكارلىقى ھەققىدىكى سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش فىلىپپىن ئاساسىي قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىغاندىن باشقا، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىگە چېتىلىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ