ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتى تىك توكنى چەكلەش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ تىك توكنى قائىدىگە رىئايە قىلىش ھەققىدە ئەسكەرتتى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 10-دېكابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ يېڭى جېرسىي ئىشتاتى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بارلىق ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردە تىك توكنى ئىشلىتىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئۆتكەن بىر ئاي ئىچىدە ئامېرىكىدىكى ئوندىن ئارتۇق جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىشتاتلىق ھۆكۈمەتلەر مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلغان.
يېڭى جېرسىي ئىشتات باشلىقى فىل مۇرفى (Phil Murphy) يەنە تىك توكنى چەكلەشتىن باشقا ئون نەچچە خىتاي ۋە رۇسىيە تېخنىكا شىركەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىمۇ چەكلەش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، تىك توكنىڭ ياۋروپادىمۇ نۇرغۇنلىغان ئابونتلىرى بار بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمەلدارلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى بازار ئىجرائىيە ئەمەلدارى تىئېررىي برېتون (Thierry Breton)دۈشەنبە كۈنى: «مەن تىك توك ئەپ دېتالىغا مەسئۇل كىشىلەرگە قائىدىگە رىئايە قىلىشنى ئەسكەرتىمەن» دېگەن.
نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى ۋە باشقا تاراتقۇلار ئىلگىرى ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: سىنگاپور پۇقراسى جوۋنىڭ مەبلەغ سېلىشىدىكى شىركەتنىڭ قارار چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى، تىك توكنىڭ تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيەلىك گۇرۇپپىسىغا بېيجىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
, تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ