خىتاي «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرى»گە زەربە بېرىش ئۈچۈن مانېۋىر ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ەخە خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت سېلىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار مانېۋىرىنىڭ تاشقى كۈچلەرگە، «تەيۋەن مۇستەقىللىق كۈچلىرىنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشى»غا قايتۇرما زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 9-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ تەيۋەن ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار مانېۋىرىنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىق» ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ ۋېنبىن يەنە خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، تەيۋەن ئەتراپىدىكى ئالاقىدار مانېۋىر خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشمە جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، شۇنداقلا تاشقى كۈچلەرنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچى كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئىغۋاگەرچىلىك تۇغدۇرۇش قىلمىشىغا قايتۇرما زەربە بېرىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1110 قېتىم كۆرۈلدى
11/01/2023 15:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق