خىتاي كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 3200 دىن ئارتۇق چېگرادىن كىرىش-چىقىش كۆزنىكىدە پاسپورت، ۋىزا قاتارلىقلارنى تەستىقلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرلۈشىچە، خىتاي كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، 9-يانۋار تۇنجى خىزمەت كۈنىدە تور سىرتىدا بېجىرىشمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئىگىلىشىچە، خىتاي بويىچە 3200 دىن ئارتۇق ج خ چېگرادىن كىرىش-چىقىش كۆزنىكى نۆۋەتتە خىتايلارنىڭ چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىش، دوستلىرىنى يوقلاش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ تەستىقلاشنى، شۇنداقلا ساياھەت، سودا ئىشلىرى بىلەن خوڭكوڭغا بېرىش ئىلتىماسىنى بېجىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە چەت ئەللىكلەرنىڭ ئادەتتىكى ۋىزا مۇددىتىنى ئۇزارتقان ھەمدە ئالماشتۇرۇپ بەرگەن. تولۇقلاپ بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىپ تەستىقلاشنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.
ئىگىلىنىىشچە، مەزكۇر خەۋەر ئىچىدە خىتاي كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەسس قىلغان 3200 دىن ئارتۇق چېگرادىن كىرىش-چىقىش رەسىمىيىتىنى بېجىرىش كۆزنىكىنىڭ قانچسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ