خىتاي رېجىمى 9-يانۋاردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا پاسپورت بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خىتاي مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-يانۋاردىن باشلاپ پاسپورت بېجىرىش ئىشلىرى يولغا قويۇلغان. ئۇقتۇرۇشتا خۇسۇسىي كارخانىلار، شەخسلەر، ئوقۇغۇچىلار، ئىشسىزلارنىڭ پاسپورتقا تىزىملاتسا بولىدىغانلىقى، تىزىملىتىش شەرتىنىڭ ئىنتايىن ئاددىي ئىكەنلىكى، كىملىك، نوپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى، ئۈچ ئاي ئىچىدە تارتىلغان سۈرەت قاتارلىق ئىسپاتلار بولسىلا بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە ئۈرۈمچى چېگرادىن چىقىش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەترەتكە بېرىپ جەدۋەل تولدۇرۇش كېرەكلىكىنى، پاسپورت ھەققىنىڭ پەقەت 200 يۈەن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
پاسپورت بېجىرىش ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارقىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بەيدۇ تورىدا: «ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بېرىلەمدۇ؟» دېگەن سوئال سورالغان بولۇپ، مەزكۇر سوئالغا بىر قانچە ئورۇندا بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە جاۋاب بېرىلگەن. ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئادەتتىكى پاسپورت سىياسىتىنى باشقۇرۇش ۋە تارقىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ» گە ئاساسەن، ئاتۇش، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق ئۈچ شەھەر پاسپورت بېجىرىش سىناق رايون دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
9-يانۋار تايلاند تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىدىمۇ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ۋىزا ئىلتىماسى ھەققىدىكى تەپسىلاتلار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندا كەمسىتىپلا قالماي، بەلكى چەت ئەلدىمۇ كەمسىتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. مەزكۇر جەدۋەلدە «سىز ئۇيغۇرمۇ؟» دېگەن سوئال بار بولۇپ، ئېلېكتىرونلۇق ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچى مەن ئۇيغۇر دەپ ئىشارەتلىسە، بۇ مەلۇماتنىڭ خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرىغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر ئالدى بىلەن تايلاندنىڭ ۋىزا بېجىرىش جەريانىدا خىتايدىكى شۇنچە مىللەت ئىچىدىن نوقۇل ئۇيغۇرلارنىلا سورىشىنىڭ ئۆزى ئوچۇق ئايرىمچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىش ئىكەنلىكى، بۇ كەمسىتىشنىڭ ئېنىقلا خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن يولغا قويۇلغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا پاسپورت بېجىرىشنى يولغا قويۇشىنىڭ پەقەتلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆزىنى بوياش ئىكەنلىكىنى، 2015-يىلى يولغا قويۇلغاندىمۇ جەمەتى ئىچىدە نۇقتىلىق كىشىلەر ياكى تۈرمىگە كىرگەن، جازالانغان كىشىلەر بولۇپ قالسا مەزكۇر جەمەتنىڭ ھېچبىر ئەزاسىغا پاسپورت بەرمىگەنلىكىنى، نەچچە يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئائىلىسىدە تۈرمە ياكى لاگېرغا كىرمىگەن كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىپ چەت ئەلگە ساياھەتكە چىقىش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ