گېرمانىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ: «خىتاينىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە پارلامېنت ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-يانۋار تەيۋەن زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، تەيۋەن بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە مائارىپ مىنىستىرى بېتىنا ستارك ۋاتزىنگېر (Bettina Stark-Watzinger) مۇ بۇ يىل ئەتىيازدا تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ گېرمانىيە كابىنېت ئەزاسىنىڭ 26 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم تەيۋەننى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گېرمانىيە ئەركىن دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ۋە گېرمانىيە پارلامېنتى دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ رەئىسى مارى-ئاگنېس ستراك-زىمېرمان (Marie-Agnes Strack-Zimmermann) بىلەن مۇئاۋىن رەئىس جونېس ۋوگېلنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى پارلامېنت ئەزالىرى ۋەكىللەر ئۆمىكى 9-يانۋاردىن 12-يانۋارغىچە تەيۋەننى زىيارەت قىلىدىكەن. بۇ ئۆمەك بۇ يىل تەيۋەنگە كەلگەن تۇنجى گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى بولۇپ قالغان.
جونېس ۋوگېل تەيۋەنگە كەلگەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز شۇنى ئېنىق بىلدۈرمەكچىمىزكى، بېيجىڭنىڭ ھەربىي تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن.
تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گېرمانىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى پىرېزىدېنت سەي يېڭۋىن، باش مىنىستىر سۇ جېنچاڭ، دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ باش كاتىپى گو لى شۇڭ، قانۇنچىلىق كومىتېتىنىڭ رەئىسى يۇ شىكۈن ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋۇ جاۋشى بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە باشقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، سودا ئىشلىرى مەسئۇللىرى ۋە ئارمىيە ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ