خىتاي ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشقا كۈچ چىقارغان شىركەتلەرنى تەقدىرلىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» ئەمگەك مۇلازىمەت ماركىسىنى باھالاش كومىتېتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەيدانلىرىغا سېتىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان جىنگو جۇڭشىن ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى قاتارلىق 10 ئورۇننى ئاتالمىش «ئەمگەك مۇلازىمەت ماركىسى قۇرۇلۇشى ئورنى» قىلىپ بېكىتىپ تەقدىرلىگەن.

خىتاي خەلق تورىنىڭ 5-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىغا ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن سېتىش ۋە تۇتۇپ بېرىشنى «14-بەش يىللىق» ئاتالمىش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايون» دەرىجىلىك ئەمگەك-مۇلازىمەت ماركىسىدىن 25 نى يېتىشتۈرۈشنى پىلانلىغان. ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن ئىپادىسىگە ئاساسەن ھەر بىر ئەمگەك-مۇلازىمەت ماركىسىغا 300 مىڭ يۈەن مەدەت مەبلىغى بېرىشنى قارار قىلغان.

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، 2022-يىلى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر جەمئىي 59 ئەمگەك-مۇلازىمەت كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇش ئورنىنى ئاتالمىش ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەمگەك-مۇلازىمەت كۇرسلۇق ماركىسىنى بېكىتىشكە قاتنىشىشقا كۆرسەتكەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى خىتاي شىركەتلىرىگە ئەرزان باھادا سېتىش، خىتاينىڭ تېررور سىياسىتىگە يانتاياق بولۇپ ئالدامچىلىق، بېدىكچىلىك قىلىدىغان شىركەتلەرنى ئاتالمىش «ئەمگەك-مۇلازىمەت ماركىسى قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتاپ، شەھەر-يېزىلاردىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئورۇن دەپ تەرىپلىمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىشغالىيەتچى خىتاي رېجىمى 2017-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، مىليونلىغان ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى قورچاق ئورگانلىرى ئوبلاست، ۋىلايەتلەردە ئاتالمىش «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدىكى سۈرگۈن قىلىش ھەرىكىتىدە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ، سۈرگۈن قىلىشنى ئەمگەك كۈچى بار ئائىلىلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى تارماقلىرى كارخانىلار بىلەن توختام تۈزگەن. بىر قىسىم خەلق ئۆز رايونىدىكى باشقا ئورۇنلارغا، بىر قىسمى باشقا رايونغا، يەنە بىر قىسمى خىتاي ئۆلكىلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى خاۋيۈي توقۇمىچىلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى، جىكاڭدا قەغەزچىلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى، جوڭتەيشىڭ بىئوخىمىيە تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق كارخانىلىرى ئۇيغۇرلارنى سۈرگۈن قىلىشتا يەرلىك دائىرىلەر بىلەن ھەمكارلاشقان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1220 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2023 16:56:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق