ئامېرىكىدىكى ئىككى چوڭ سىياسىي پارتىيە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسلىكىگە يېڭىدىن سايلانغان كېۋىن ماككارتىنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق قول بولىدىغان قانۇن تۈزۈپ چىقىش مەسىلىسىدە ئورتاق قاراشتا بولماقتا.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىغا يېڭى رەئىس سايلاش خىزمىتى ئاخىرلاشقان بولۇپ، يېڭى رەئىس پارلامېنتتا رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭ بىلەن ئاۋام پالاتاسىغا رەھبەرلىك قىلىدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئاۋام پالاتادا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەپ، كەلگۈسى ئىككى يىلدا دېموكراتچىلار پارتىيەسى كۈچلۈك خىرىسلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىگە نىسبەتەن، خىتايغا قارشى پىلانلانغان بىر قىسىم قاتتىق قول قانۇن چىقىرىش تەدبىرلىرى دېموكراتچىلار پارتىيەسىنى مەغلۇپ قىلالايدىغان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
15 ئايلانما بېلەت تاشلاشتىن كېيىن ئاۋام پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى كېۋىن ماككارتى (Kevin McCarthy) 7-يانۋار سەھەردە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 118-قېتىملىق رەئىسى بولۇپ سايلاندى.
كېۋىن ماككارتى سايلامدىن كېيىن، ئاۋام پالاتادا قىلغان سۆزىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاينىڭ خىرىسلىرىغا قارشى قاتتىق قول بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلدى.
ئۇ يەنە سۆزىدە: «بىز خىتاي مەسىلىلىرى ھەققىدە پارتىيە ھالقىغان مۇتەخەسسىسلەر كومىتېتى قۇرۇپ، ئامېرىكا خىتايغا تارتقۇزۇپ قويغان، نۆۋەتتە خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىۋاتقان يۈزمىڭلىغان ساھەلەردىكى خىزمەتلەرنى قانداق قىلىپ ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ كېلىش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىمىز، بىز بۇ مەسىلىدە چوقۇم غەلىبە قىلىمىز» دېدى.
بىلدۈرۈلۈشىچە، كېۋىن ماككارتى ئالدىنقى ھەپتە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئاۋام پالاتانىڭ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تەكشۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ خىتايغا قارشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىغان قاتتىق تەدبىرلىرىنىڭ دېموكراتچىلار پارتىيەسىنىڭ قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشەلىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ خىتايغا تايىنىشىنى ئازايتىش، خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىشىنى توسۇش، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنى كۈچەيتىش، بېيجىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى تەكشۈرۈش ۋە تەيۋەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئورتاق قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكى ئىككى پارتىيەنىڭ خىتايغا قارشى ئاسانلا بىرلىشەلەيدىغانلىقىغا ئىمكان يارىتىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ