خىتاي ئاتالمىش «ئىسلام دۇنياسى ھەيئىتى»نى تولۇق ئىندەككە كەلتۈردى

خىتاي رېجىمى 8-يانۋار چېگرانى ئاچقان تۇنجى كۈنىلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتكەن بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى 14 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرۇشقا باشلىغانىدى.

مەزكۇر كۆز بوياش زىيارىتى ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، تۈنۈگۈنكى بىر قاتار زىيارەتلەردىن كېيىن، ئۆمەكنى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نىڭ باش سېكرېتارى ما شىڭرۈي ۋە قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۈرۈمچىدە كۈتۈۋېلىپ، بارلىق ھەقىقەتلەرنى ئىنكار قىلغان ھالدا خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تولۇق يوشۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنتايىن باياشات ۋە خاتىرجەم ياشاۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

زىيارەتنىڭ تەپسىلاتى ۋە كۆرۈنۈشلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ زىيارەتنى خىتاي تاراتقۇلىرىمۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئالداش ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت، دەپ قارىماقتا.

ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش كۆرگەزمە زالى»دا زىيارەت قىلدۇرۇلغان ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى تېررورچى ۋە ئەسەبىي قىلىپ تونۇشتۇرۇلغان ئۆمەكتىكى ئاتالمىش «دىنىي زاتلار ۋە ئالىملار» خىتاينىڭ ئاتالمىش «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى»غا ئاپىرىن ئېيتىشقان.

دۇنيا مۇسۇلمانلار جەمئىيەتلەر كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەلى راشىد نۇئەيمى تىۋىتتېر ھېسابىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىۋاتقان باياناتلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشىنى ماختىدى ۋە «خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەر تەرەپتىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى»غا يۇقىرى باھا بەردى ۋە شۇنداقلا «دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ تىنچ ۋە گۈللەنگەن خىتايغا ئېھتىياجى بارلىقى» تىلغا ئېلىنغان نومۇس قىلارلىق سەپسەتىلەرنى ئېلان قىلدى.

نۆۋەتتە مەزكۇر باياناتلار ئېلان قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئۇيغۇرلار ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار ئىنكاس يېزىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 1317 قېتىم كۆرۈلدى
10/01/2023 16:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق